48يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن دېگىنىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.
49ئەيسا جاۋابەن: ــ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، بەلكى مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر.
50مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئىزدىمەيمەن؛ لېكىن بۇنى ئىزدىگۈچى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى بىرسى بار.
51بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ.
52شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا: ــ ساڭا دەرۋەقە جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق! ھەتتا ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقسىگە: «مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم تېتىمايدۇ» دەيسەن؟