26شۇ كۈنى تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئىلتىجا قىلىسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتىدىن تەلەپ قىلىمەن، دەپ ئېيتمايمەن؛
27چۈنكى ئاتا ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ؛ چۈنكى سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىڭلار.
28مەن ئاتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم؛ ئەمدى مەن يەنە بۇ دۇنيادىن كېتىپ ئاتىنىڭ يېنىغا بارىمەن».
29مۇخلىسلىرى: ــ مانا سەن ھازىر ئوچۇق ئېيتىۋاتىسەن، تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىمىدىڭ!