Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماركۇس - ماركۇس 9

ماركۇس 9:28-47

Help us?
Click on verse(s) to share them!
28ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى.
29ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بۇ خىل جىن دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، ــ دېدى.
30ئۇلار شۇ يەردىن ئايرىلىپ، گالىلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايتتى.
31چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا‫‪:‬‬ ــ ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى.
32لېكىن مۇخلىسلار بۇ سۆزنى چۈشەنمىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.
33ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ يولدا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
34لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى.
35ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى.
36ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬
37ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.  
38يۇھاننا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشكەنلەردىن بولمىغاچقا، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى.
39لېكىن ئەيسا‫‪:‬‬ ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن بىر مۆجىزە ياراتقان بىرسى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
40چۈنكى بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر.
41چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە ھەتتا بىرەر پىيالە سۇ بەرگەن كىشىمۇ ئۆز ئىنئامىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ.
42لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.
43ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
44چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان قۇرت‫‪‎-‎‬‬قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.  
45ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل.
46چۈنكى دوزاختا شۇلارنى يەيدىغان قۇرت‫‪‎-‎‬‬قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.
47ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل.

Read ماركۇس 9ماركۇس 9
Compare ماركۇس 9:28-47ماركۇس 9:28-47