Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماركۇس - ماركۇس 7

ماركۇس 7:5-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5شۇ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ تاماقنى قولىنى يۇماي، يەنى «ناپاك» ھالدا يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماي، بەلكى يۇيۇلمىغان قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى (چۈنكى پەرىسىيلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيلار ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان ئەنئەنىنى چىڭ تۇتقاچقا، ئاۋۋال قوللىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يۇمىسا، تاماق يېمەيدۇ. شۇنىڭدەك بازاردىن قايتىپ كەلگەندىمۇ، ئۇلار قول يۇماي بىرنەرسە يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىيالە‫‪‎-‎‬‬قەدەھ، داس‫‪‎-‎‬‬چۆگۈن ۋە مىس قاچىلار ۋە دىۋانلارنى يۇيۇش توغرىسىدا تاپشۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىلەردىمۇ چىڭ تۇرىدۇ).
6ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ يەشايا پەيغەمبەر سىلەر ساختىپەزلەر توغراڭلاردا ئالدىنئالا توپتوغرا بېشارەت بەرگەن! ئۇنىڭ يازمىسىدا پۈتۈلگەندەك‫‪:‬‬ ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق؛
7ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس».  
8چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىۋالىدىكەنسىلەر ــ داس‫‪‎-‎‬‬چۆگۈن، پىيالە‫‪‎-‎‬‬قەدەھلەرنى يۇيۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغان باشقا ئىشلارنى ئەنئەنە قىلىپ يۈرىسىلەر.
9ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ سىلەر ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىر چەتكە قايرىپ قويدۇڭلار!
10چۈنكى مۇسا پەيغەمبەر‫‪:‬‬ «ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.
11لېكىن سىلەر‫‪:‬‬ ــ بىرسى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان «قۇربان قىلىپ» خۇداغا ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا،
12شۇ كىشىنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشغا بولمايدۇ، دەپ ئۆگىتىسىلەر.
13شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئەۋلادلىرىڭلارغا تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر.  
14ئاندىن خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ھەممىڭلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى،
15ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، بەلكى ئۆز ئىچىدىن چىقىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇلار ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.
16ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى.
17ئۇ خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىل ھەققىدە سورىدى.
18ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەي يۈرۈۋاتامسىلەر؟! سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەيۋاتمامسىلەر؟
19سىرتتىن كىرگەن نەرسە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى (ئۇ بۇ گەپنى دېيىش بىلەن، ھەممە يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلىۋەتتى).
20ئۇ يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىلا، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.
22چۈنكى شۇلار ــ يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل‫‪‎-‎‬‬ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ   
23ــ بۇ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئۆزىنى ناپاك قىلىدۇ.
24ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تۇر ۋە زىدون ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى ۋە بىر ئۆيگە كىردى. گەرچە ئۇ بۇنى ھېچكىم بىلمىسۇن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇپ قالالمىدى.   
25دەرۋەقە، ناپاك روھ چاپلاشقان كىچىك بىر قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى
26(ئايال يۇنانلىق بولۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىدىكى فەنىكىي مىللىتىدىن ئىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن قىزىدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى.
27لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئالدى بىلەن بالىلار قورسىقىنى تويغۇزسۇن؛ چۈنكى بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، ــ دېدى.
28لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا تۇرۇپ بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، ــ دېدى.
29ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سېنىڭ مۇشۇ سۆزۈڭ تۈپەيلىدىن يولۇڭغا قايت، جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ــ دېدى.
30ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، مانا قىز كارىۋاتتا ياتاتتى، جىن ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەنىدى.
31ئەيسا يەنە تۇر ۋە زىدون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، «ئون شەھەر» رايونى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، يەنە گالىلىيە دېڭىزىغا كەلدى.
32خالايىق ئۇنىڭ ئالدىغا تىلى ئېغىر، گاس بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈنۈشتى.
33ئۇ ئۇ ئادەمنى خالايىقتىن ئايرىپ بىر چەتكە تارتىپ، بارماقلىرىنى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا تىقتى، تۈكۈرۈپ، بارمىقىنى ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى.
34ئاندىن ئۇ ئاسمانغا قاراپ ئۇھ تارتىپ خورسىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە‫‪:‬‬ «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى.
35ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى دەرھال ئېچىلىپ، تىلىمۇ ئېچىلىپ راۋان گەپ قىلىشقا باشلىدى.

Read ماركۇس 7ماركۇس 7
Compare ماركۇس 7:5-35ماركۇس 7:5-35