Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماركۇس - ماركۇس 7

ماركۇس 7:13-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئەۋلادلىرىڭلارغا تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر.  
14ئاندىن خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ھەممىڭلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى،
15ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، بەلكى ئۆز ئىچىدىن چىقىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇلار ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.
16ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى.
17ئۇ خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىل ھەققىدە سورىدى.
18ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەي يۈرۈۋاتامسىلەر؟! سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەيۋاتمامسىلەر؟
19سىرتتىن كىرگەن نەرسە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى (ئۇ بۇ گەپنى دېيىش بىلەن، ھەممە يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلىۋەتتى).
20ئۇ يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىلا، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.
22چۈنكى شۇلار ــ يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل‫‪‎-‎‬‬ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ   
23ــ بۇ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئۆزىنى ناپاك قىلىدۇ.
24ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تۇر ۋە زىدون ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى ۋە بىر ئۆيگە كىردى. گەرچە ئۇ بۇنى ھېچكىم بىلمىسۇن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇپ قالالمىدى.   
25دەرۋەقە، ناپاك روھ چاپلاشقان كىچىك بىر قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى
26(ئايال يۇنانلىق بولۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىدىكى فەنىكىي مىللىتىدىن ئىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن قىزىدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى.
27لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئالدى بىلەن بالىلار قورسىقىنى تويغۇزسۇن؛ چۈنكى بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، ــ دېدى.

Read ماركۇس 7ماركۇس 7
Compare ماركۇس 7:13-27ماركۇس 7:13-27