11بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ نائىن دېگەن بىر شەھەرگە باردى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە يەنە توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
12ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى.
13رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ: ــ يىغلىمىغىن، ــ دېدى.