Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 23

لۇقا 23:3-26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3پىلاتۇس ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى.  
4ئاندىن پىلاتۇس باش كاھىنلار بىلەن كۆپچىلىككە‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەمدىن بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم، ــ دېدى.
5لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا‫‪:‬‬ ــ ئۇ گالىلىيەدىن تارتىپ تاكى بۇ يەرگىچە، پۈتكۈل يەھۇدىيەدىمۇ تەلىم بېرىش بىلەن خەلقنى قۇترىتىدۇ.
6پىلاتۇس «گالىلىيە» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ‫‪:‬‬ ــ بۇ كىشى گالىلىيەلىكمۇ؟ ــ دەپ سورىدى
7ۋە ئۇنىڭ ھېرود خاننىڭ ئىدارە قىلغان ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھېرودقا يوللاپ بەردى (ئۇ كۈنلەردە ھېرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى).
8ھېرود ئەيسانى كۆرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭغا دائىر كۆپ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىر مۆجىزە كۆرۈش ئۈمىدىدە بولۇپ، ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتاتتى.
9ئۇ ئەيسادىن كۆپ سوئاللارنى سورىدى، لېكىن ئۇ ھېرودقا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.
10باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز‫‪‎-‎‬‬شىكايەت قىلىۋاتاتتى.
11ھېرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنى خارلاپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا شاھانە تون‫‪‎-‎‬‬كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ يوللىدى.
12مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، پىلاتۇس بىلەن ھېرود دوست بولۇپ قالدى؛ چۈنكى ئىلگىرى ئۇلار ئارىسىدا ئاداۋەت بولغانىدى.
13ۋالىي پىلاتۇس باش كاھىنلارنى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارنى ۋە خالايىقنى يىغىپ،
14ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن «خەلقنى ئازدۇرىدۇ ۋە قۇترىتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلىپ ئۇنى ئالدىمغا تارتىپ كەلدىڭلار. مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۇنى سوراق قىلغىنىم بىلەن، ئۇنىڭدىن سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم.
15ھېرودمۇ تاپمىدى؛ چۈنكى مەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتىم. مانا، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن.
16شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى
17(ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يەھۇدىي مەھبۇسلاردىن بىرىنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى).
18لېكىن كۆپچىلىك تەڭلا چۇقان سېلىشىپ‫‪:‬‬ ــ بۇنى يوقىتىڭ! بىزگە بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دېيىشتى
19(بارابباس بولسا شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ۋە قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇس ئىدى).
20شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئەيسانى قويۇپ بېرىشنى خالاپ، كۆپچىلىككە يەنە سۆز قىلغىلى تۇردى.
21لېكىن ئۇلار جاۋابەن يەنە چۇقان سېلىشىپ‫‪:‬‬ ــ كرېستلىگىن، ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى.
22پىلاتۇس ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق قىلغان؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق ھېچ جىنايەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى.
23بىراق ئۇلار يەنىلا ھە دەپ چۇقان سېلىشىپ‫‪:‬‬ «ئۇ كرېستلەنسۇن!» دەپ تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەمدە باش كاھىنلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر كۈچلۈك كەلدى.
24پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
25ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى، يەنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قاتىللىق ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغاننى قويۇپ بېرىپ، ئەيسانى ئۇلارنىڭ خاھىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
26ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى.

Read لۇقا 23لۇقا 23
Compare لۇقا 23:3-26لۇقا 23:3-26