19ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى.
20ۋە پۈتۈن ئەزايىنى چاقا-جاھارەت بېسىپ كەتكەن لازارۇس ئىسىملىك بىر يوقسۇل بار ئىدى؛ ئۇ باينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ھەركۈنى ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى.
21ئۇنىڭ داستىخىنىدىن چۈشۈپ قالغان پارچى-پۇراتلاردىن قورسىقىنى تويغۇزغۇشقا تەشنا ئىدى. ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى.
22ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛
23ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ: