Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كۈيلەرنىڭ كۈيى

كۈيلەرنىڭ كۈيى 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«كۈيلەرنىڭ كۈيى» ــ سۇلايماننىڭ كۈيى.  
2«ئۇ ئوتلۇق ئاغزى بىلەن مېنى سۆيسۇن؛ چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن شېرىندۇر.
3خۇشپۇراقتۇر سېنىڭ ئەتىرلىرىڭ؛ قۇيۇلغان پۇراقلىق ماي سېنىڭ نامىڭدۇر؛ شۇڭلاشقا قىزلار سېنى سۆيىدۇ. كۆڭلۈمنى ئۆزۈڭگە مەھلىيا قىلغايسەن ــ بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى! ــ پادىشاھ مېنى ئۆز ھۇجرىلىرىغا ئەكىرگەي!»
4«بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛ سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز».
5«ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ». ــ «قارا تەنلىك بولغىنىم بىلەن چىرايلىقمەن، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى! بەرھەق، كېدارلىقلارنىڭ چېدىرلىرىدەك، سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك قارىمەن.
6ماڭا تىكىلىپ قارىماڭلار، چۈنكى قارىدۇرمەن، چۈنكى ئاپتاپ مېنى كۆيدۈردى؛ ئانامنىڭ ئوغۇللىرى مەندىن رەنجىگەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۈزۈمزارلارنى باققۇچى قىلدى؛ شۇڭا ئۆز ئۈزۈمزارىمنى باقالمىغانمەن».
7«ھەي، جېنىم سۆيگىنىم، دېگىنە، پاداڭنى قەيەردە باقىسەن؟ ئۇنى كۈن قىيامىدا قەيەردە ئارام ئالغۇزىسەن؟ ھەمراھلىرىڭنىڭ پادىلىرى يېنىدا چۈمپەردىلىك ئاياللاردەك يۈرۈشۈمنىڭ نېمە ھاجىتى؟»
8«ئى قىز‫‪‎-‎‬‬ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى، ئەگەر سەن بۇنى بىلمىسەڭ، پادامنىڭ باسقان ئىزلىرىنى بېسىپ مېڭىپ، پادىچىنىڭ چېدىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن».
9«ئى سۆيۈملۈكۈم، مەن سېنى پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىلغان بىر بايتالغا ئوخشاتتىم؛
10سېنىڭ مەڭزىلىرىڭ تىزىلغان مۇنچاقلار بىلەن، بوينۇڭ مارجانلار بىلەن گۈزەلدۇر.
11بىز ساڭا كۈمۈش كۆزلەر قۇيۇلغان، ئالتۇندىن زىبۇ‫‪‎-‎‬‬زىننەتلەرنى ياساپ بېرىمىز».
12«پادىشاھ توي داستىخىنىدا ئولتۇرغىنىدا، سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ؛
13مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر، ئۇ كۆكسلىرىم ئارىسىدا قونۇپ قالىدۇ؛
14مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا ئەن‫‪‎-‎‬‬گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر».
15«مانا، سەن گۈزەل، ئامرىقىم! مانا، سەن شۇنداق گۈزەل! كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەكتۇر!»
16«مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم؛ بەرھەق، يېقىملىق ئىكەنسەن؛ بىزنىڭ ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپىمىز يېشىلدۇر؛
17ئۆيىمىزدىكى لىملار كېدىر دەرىخىدىن، ۋاسىلىرىمىز ئارچىلاردىندۇر.