Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رىملىقلارغا - رىملىقلارغا 10

رىملىقلارغا 10:9-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»!
10چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ.
11مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس».   
12چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ.   
13چۈنكى‫‪:‬‬ «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ».  
14لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟
15شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك‫‪:‬‬ «ئامان‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت‫‪‎-‎‬‬سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل‫‪‎-‎‬‬ھە!».  
16بىراق، خۇددى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس.   
17شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ.

Read رىملىقلارغا 10رىملىقلارغا 10
Compare رىملىقلارغا 10:9-17رىملىقلارغا 10:9-17