30بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق، ھەشبون تاكى دىبونغىچە ھالاك بولدى؛ بىز ھەتتا نوفاھقىچە ‹نوفاھتىن مەدەباغا يېتىدۇ› ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق!» — دەپ شېئىر يېزىشقانىدى.
31شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئەنە شۇ تەرىقىدە ئامورىيلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتى.
32مۇسا يائازەرنى چارلاپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئاندىن ئىسرائىللار يائازەرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئاممورىيلارنى يېرىدىن قوغلىۋەتتى.