Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19:11-20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11ــ ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ.
12ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى ئاشۇ سۇ بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، ھەمدە يەتتىنچى كۈنىمۇ پاكلىسۇن، ئاندىن ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ھەمدە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، پاك سانالمايدۇ.
13ھەرقانداق ئادەم ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتسە، ھەمدە ئۆزىنى پاكلىمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى ئىسرائىل ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ناپاكلىقى تېخىچە ئۈستىدە تۇرىدۇ.
14ئەگەر بىرەر كىشى بىر چېدىر ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇ توغرۇلۇق قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمە مۇنداق بولىدۇ‫‪:‬‬ — شۇ چېدىرغا كىرگەن ھەربىرسى ۋە چېدىردا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەربىرى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ.
15ھەربىر ئوچۇق تۇرغان، ئاغزى يېپىلمىغان قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناپاك سانىلىدۇ.
16شۇنىڭدەك دالادا قىلىچ‫‪‎-‎‬‬شەمشەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە، ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننىڭ ئۆلۈكىگە، ياكى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنىغا ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانىلىدۇ.
17كىشىلەر بۇ ناپاك كىشى ئۈچۈن «پاكلاندۇرغۇچى قۇربانلىق»نىڭ كۈلىدىن ئازراق ئېلىپ كومزەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېقىن سۇ قۇيسۇن.
18ئاندىن پاك بىر كىشى زوفا ئۆسۈملۈكىنى ئېلىپ شۇ سۇغا تەگكۈزۈپ ئۇنى چېدىرغا ۋە ئىچىدىكى بارلىق قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارغا ھەم شۇ يەردە تۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن، ۋە يەنە ئۇنى ئۇستىخانغا، ئۆلتۈرۈلگۈچىگە ياكى قەبرىگە تەگكەن كىشىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن.
19ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ھېلىقى پاك ئادەم پاك بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە شۇ سۇنى سېپىپ قويسۇن؛ شۇنداق قىلغاندا، يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، كەچ كىرگەندە ئۇ پاك سانىلىدۇ.
20لېكىن ناپاك بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى پاكلىمىغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن، جامائەت ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەن، شۇڭا ئۇ ناپاك سانىلىدۇ.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19:11-20چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19:11-20