22ئۇلار جەنۇب تەرەپتە ھېبرونغا باردى، ئۇ يەرلەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاھىمان، شىشاي، تالماي دېگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئەسلىدە ھېبرون شەھىرى مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى ياسالغانىدى.
23ئۇلار «ئەشكول جىلغىسى»غا كەلدى، ئۇ يەردە بىر ساپ ئۈزۈمى بار بىر ئۈزۈم شېخىنى كېسىپ، بىر بالداققا ئېسىپ ئىككى ئادەمگە كۆتۈرگۈزۈپ ماڭدى؛ ئۇلار ئازراق ئانار بىلەن ئەنجۈرمۇ ئېلىپ قايتىپ كەلدى.
24ئىسرائىللار شۇ يەردە كېسىۋالغان ئەشۇ ئۈزۈم سەۋەبىدىن ئۇ يەر «ئەشكول جىلغىسى» ‹«ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى»› دەپ ئاتالدى.
25ئۇلار قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ تۈگىتىپ، قايتىپ كەلدى.
26ئۇلار كېلىپ، پاران چۆللۈكىدىكى قادەشتە مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككىيلەنگە ھەم پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە مەلۇمات بەردى ھەم زېمىننىڭ مېۋىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى.