Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 7

پادىشاھلار «1» 7:48-51

Help us?
Click on verse(s) to share them!
48سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى‫‪:‬‬ ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان ئالتۇن شىرەنى،   
49كالامخانا ئالدىدا تۇرىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدانلارنى (بەشنى ئوڭ يېنىدا، بەشنى سول يېنىدا) ياساتتى؛ ۋە شۇلارنىڭ گۈلسىمان زىننەتلىرىنى، چىراغلىرىنى، چىراغ قىسقۇچلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى؛
50داس‫‪‎-‎‬‬پىيالىلىرىنى، پىچاقلىرىنى، قاچىلىرىنى، تەخسىلىرىنى ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياساتتى؛ ئۇ ئىچكىرىكى خانىنىڭ، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ قاتلىنىدىغان، قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنىڭ گىرەلىرىنى ۋە ئۆيدىكى مۇقەددەس جاينىڭ ئىشىكلىرىنىڭ گىرەلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى.
51سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلدۇرىدىغان ھەممە قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت خۇداغا ئاتىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە تۈرلۈك باشقا بۇيۇملارنى) ئەكەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى.

Read پادىشاھلار «1» 7پادىشاھلار «1» 7
Compare پادىشاھلار «1» 7:48-51پادىشاھلار «1» 7:48-51