Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 2

پادىشاھلار «1» 2:4-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار ماڭا‫‪:‬‬ «ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يولىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنى بىلەن ھەقىقەتتە ماڭسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقان سۆزىگە ئەمەل قىلىدۇ.
5ئەمما زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا قىلغىنىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆزى قانداق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىدىكى ئىككى سەردارنى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، تىنچ مەزگىلدە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان تۆكۈپ، بېلىگە باغلىغان كەمەرگە ۋە پۇتىغا كىيگەن كەشىگە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان چېچىپ، داغ قىلغانلىقىنى بىلىسەن.
6سەن ئۇنى دانالىقىڭغا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئاق بېشىنىڭ گۆرگە سالامەت چۈشۈشىگە يول قويمىغايسەن.
7لېكىن گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ ئوغۇللىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، داستىخىنىڭدىن نان يېگۈزگىن؛ چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابشالومدىن قاچقىنىمدا، ئۇلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا شۇنداق قىلغان.
8ۋە مانا باھۇرىمدىن كەلگەن بىنيامىن قەبىلىسىدىن گېرانىڭ ئوغلى شىمەي يېنىڭدا تۇرىدۇ. ئۇ مەن ماھانائىمغا بارىدىغاندا، ئەشەددىي لەنەت بىلەن مېنى قارغىدى. كېيىن ئۇ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «سېنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ قەسەم قىلدىم.
9ئەمما ھازىر ئۇنى گۇناھسىز دەپ سانىمىغىن. ئۆزۈڭ دانا كىشى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى بىلىسەن؛ ھەرھالدا ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن».
10داۋۇت ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋلىرى بىلەن بىر يەردە ئۇخلىدى. ئۇ «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى.  
11داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى قىرىق يىل ئىدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى.
12سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇردى؛ ئۇنىڭ سەلتەنىتى خېلى مۇستەھكەملەندى.
13ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات‫‪‎-‎‬‬شېبانىڭ قېشىغا باردى. ئۇ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ تىنچلىق مەقسىتىدە كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ شۇنداق، تىنچلىق مەقسىتىدە، دېدى.
14ئۇ يەنە‫‪:‬‬ ــ ساڭا بىر سۆزۈم بار ئىدى، دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ سۆزۈڭنى ئېيتقىن، دېدى.
15ئۇ‫‪:‬‬ ــ بىلىسەنكى، پادىشاھلىق ئەسلىدە مېنىڭكى ئىدى، ۋە پۈتۈن ئىسرائىل مېنى پادىشاھ بولىدۇ دەپ، ماڭا قارايتتى. لېكىن پادىشاھلىق مەندىن كېتىپ، ئىنىمنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ ئۇنىڭكى بولدى.
16ئەمدى ساڭا بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئېيتقىن، دېدى.
17ئۇ‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، سۇلايمان پادىشاھقا مەن ئۈچۈن ئېيتقىنكى ــ چۈنكى ئۇ ساڭا ياق دېمەيدۇ! ــ ئۇ شۇناملىق ئابىشاگنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسۇن، دېدى.
18بات‫‪‎-‎‬‬شېبا‫‪:‬‬ ــ ماقۇل؛ سەن ئۈچۈن پادىشاھقا سۆز قىلاي، دېدى.
19بات‫‪‎-‎‬‬شېبا ئادونىيا ئۈچۈن سۆز قىلغىلى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى. پادىشاھ قوپۇپ ئالدىغا بېرىپ، ئانىسىغا تەزىم قىلدى. ئاندىن تەختىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ پادىشاھنىڭ ئانىسىغا بىر تەختنى كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ
20ساڭا كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئى ئانا، سوراۋەرگىن، مەن سېنى ياندۇرمايمەن، دېدى.
21ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئاكاڭ ئادونىياغا شۇناملىق ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بەرگۈزگىن، دېدى.
22سۇلايمان پادىشاھ جاۋاب بېرىپ ئانىسىغا‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا ئادونىيا ئۈچۈن شۇناملىق ئابىشاگنى سورايسەن؟ ئۇ ئاكام بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئابىئاتار كاھىن ئۈچۈن ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئۈچۈن پادىشاھلىقنىمۇ سورىمامسەن! ــ دېدى.
23سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئادونىيا شۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلمىسە، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن!
24مېنىڭ ئورنۇمنى مۇستەھكەم قىلغان، ئاتامنىڭ تەختىدە ئولتۇرغۇزغان، ئۆز ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر ئۆينى قۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنىدۇ، دېدى.  
25شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى بۇ ئىشقا ئەۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.
26پادىشاھ ئابىئاتار كاھىنغا‫‪:‬‬ ــ ماڭ، ئاناتوتتىكى ئۆز ئېتىزلىقىڭغا بارغىن. سەن ئۆلۈمگە لايىقسەن، لېكىن سەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئالدىدا كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ۋە ئاتامنىڭ تارتقان ھەممە ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمدەرد بولغىنىڭ ئۈچۈن، مەن ھازىر سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، دېدى.
27ئاندىن سۇلايمان ئابىئاتارنى پەرۋەردىگارغا كاھىن بولۇشتىن جۇدا قىلىپ ھەيدىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق شىلوھدا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.  
28بۇنىڭ خەۋىرى يوئابقا يەتكەندە (چۈنكى يوئاب ئابشالومغا ئەگەشمىگەن بولسىمۇ، ئادونىياغا ئەگەشكەنىدى) يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى.

Read پادىشاھلار «1» 2پادىشاھلار «1» 2
Compare پادىشاھلار «1» 2:4-28پادىشاھلار «1» 2:4-28