Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 22

پادىشاھلار «1» 22:26-34

Help us?
Click on verse(s) to share them!
26ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى‫‪:‬‬ ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ،
27ئۇلارغا تاپىلاپ‫‪:‬‬ «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ نان بىلەن سۇنى ئاز‫‪‎-‎‬‬ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دېگىن، دەپ بۇيرۇدى.
28مىكايا‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە‫‪:‬‬ ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى.
29ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى.
30ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا‫‪:‬‬ ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىققايلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى.
31سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىدىكى ئوتتۇز ئىككى سەردارغا‫‪:‬‬ ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
32ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە‫‪:‬‬ ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى بۇرۇلدى. لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى.
33جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى.
34ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە‫‪:‬‬ ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى.

Read پادىشاھلار «1» 22پادىشاھلار «1» 22
Compare پادىشاھلار «1» 22:26-34پادىشاھلار «1» 22:26-34