Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 21

يەشۇئا 21:11-24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11ئۇلارغا يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدىكى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬ئاربا (ئاربا ئاناكنىڭ ئاتىسى ئىدى)، يەنى ھېبرون بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى قوشۇپ بەردى.
12لېكىن شەھەرگە تەۋە ئېتىزلار بىلەن كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلارنى يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە مىراس قىلىپ بەردى.
13شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھارۇن كاھىننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر ھېبرون ۋە يايلاقلىرىنى، يەنە ئۇلارغا لىبناھ بىلەن يايلاقلىرىنى،
14ياتتىر بىلەن يايلاقلىرىنى، ئەشتەموئا بىلەن يايلاقلىرىنى،
15ھولون بىلەن يايلاقلىرىنى، دەبىر بىلەن يايلاقلىرىنى،
16ئائىن بىلەن يايلاقلىرىنى، يۇتتاھ بىلەن يايلاقلىرىنى، بەيت‫‪‎-‎‬‬شەمەش بىلەن يايلاقلىرىنى بەردى؛ بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ زېمىنلىرىدىن جەمئىي توققۇز شەھەرنى بەردى.
17مۇندىن باشقا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىبېئون بىلەن يايلاقلىرىنى، گېبا بىلەن يايلاقلىرىنى،
18ئاناتوت بىلەن يايلاقلىرىنى، ئالمون بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ جەمئىي تۆت شەھەر بەردى.
19بۇ تەرىقىدە كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى.
20ئۇلار يەنە لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگىمۇ شەھەرلەرنى بەردى. چەك تاشلاش بىلەن ئۇلارغا بېكىتىلگەن شەھەرلەر مۇنۇلار‫‪:‬‬ ــ ئۇلارغا ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن
21ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە گەزەر بىلەن يايلاقلىرى،
22كىبزائىم بىلەن يايلاقلىرى ۋە بەيت‫‪‎-‎‬‬ھورون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛
23بۇنىڭدىن باشقا دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئەلتەكەھ بىلەن يايلاقلىرى، گىببېتون بىلەن يايلاقلىرى،
24ئايجالون بىلەن يايلاقلىرى ۋە گات‫‪‎-‎‬‬رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى.

Read يەشۇئا 21يەشۇئا 21
Compare يەشۇئا 21:11-24يەشۇئا 21:11-24