Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 19

يەشۇئا 19:27-50

Help us?
Click on verse(s) to share them!
27ئاندىن شەرق تەرەپكە قايرىلىپ بەيت‫‪‎-‎‬‬داگونغا بېرىپ، زەبۇلۇن زېمىنى بىلەن يىفتاھ‫‪‎-‎‬‬ئەل جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئېمەك بىلەن نېئىئەلگە يېتىپ بېرىپ كابۇلنىڭ شىمال تەرىپىگە چىقتى؛
28ئېبرون، رەھوب، ھاممون ۋە كاناھنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ چوڭ زىدونغا يېتىپ باردى.
29ئاندىن چېگرىسى راماھ تەرىپىگە قايرىلىپ، تۇر دېگەن مۇستەھكەم شەھىرگە بېرىپ، خوساھقا قايرىلىپ، ئاقزىب بىلەن ھەبەلگە تۇتاش بولغان دېڭىزدا ئاخىرلاشتى؛
30زېمىنى ئۇمماھ، ئافەك ۋە رەھوبنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ جەمئىي يىگىرمە ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.
31بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئاشىرلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.
32ئالتىنچى چەك نافتالىغا چىقتى، يەنى نافتالىلار قەبىلىسىگە جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛
33ئۇلارنىڭ چېگرىسى بولسا ھەلەفتىن چىقىپ، زائاناننىمدىكى دۇب دەرىخىدىن ئۆتۈپ، ئادامى‫‪‎-‎‬‬نەكەب ۋە يابنەئەلدىن چىقىپ، لاككۇمغا يېتىپ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ ئاخىرلاشتى.
34ئاندىن غەرب تەرەپكە قايرىلىپ ئازنوت‫‪‎-‎‬‬تابورغا بېرىپ، شۇ يەردىن ھۇككوكقا چىقىپ، جەنۇبتا زەبۇلۇننىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا تۇتىشىپ، شىمالدا ئاشىرنىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا يېتىپ، كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدا، يەھۇدانىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا ئۇلاشتى.
35نافتالىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى زىددىم، زەر، ھاممات، راككات، كىننەرەت،
36ئاداماھ، راماھ، ھازور،
37كەدەش، ئەدرەي، ئەن‫‪‎-‎‬‬ھازور،
38يىرون، مىگدال‫‪‎-‎‬‬ئەل، ھورەم، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئانات ۋە بەيت‫‪‎-‎‬‬شەمەشلەر بولۇپ، جەمئىي ئون توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئىدى.
39بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار نافتالىلار قەبىلىسىنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.
40يەتتىنچى چەك دانلارنىڭ قەبىلىسىگە چىقتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى.
41ئۇلارنىڭ مىراس زېمىنى بولسا زورېئاھ، ئەشتائول، ئىر‫‪‎-‎‬‬شەمەش،
42شائالاببىن، ئايجالون، يىتلاھ،
43ئېلون، تىمناتاھ، ئەكرون،
44ئەل‫‪‎-‎‬‬تەكەھ، گىببېتون، بائالات،
45يەھۇد، بەنە‫‪‎-‎‬‬باراك، گات‫‪‎-‎‬‬رىممون،
46مە‫‪‎-‎‬‬ياركون، راككون ۋە يافونىڭ ئۇدۇلىدىكى يۇرتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
47لېكىن دانلارنىڭ زېمىنى ئۆز قولىدىن كەتكەن بولغاچقا، دانلار چىقىپ لەشەمگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى؛ ئاھالىسىنى قىلىچلاپ يوقىتىپ، ئۇ يەرنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ماكانلاشتى؛ ئاندىن ئۇلار لەشەمگە ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ، ئۇنى دان دەپ ئاتىدى.
48مانا بۇلار، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار دانلار قەبىلىسىگە، ئۇلارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بېرىلگەنىدى.
49بۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار زېمىننى چېگرا‫‪‎-‎‬‬چېگرا بويىچە بۆلۈپ بولدى؛ ئاندىن ئۇلار نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ئۆز ئارىسىدىن مىراس بۆلۈپ بەردى.
50پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يەشۇئا تىلىگىنىدەك ئۇنىڭغا ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىدىكى تىمنات‫‪‎-‎‬‬سېراھ دېگەن شەھەرنى بەردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ شەھەرنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدا تۇردى.

Read يەشۇئا 19يەشۇئا 19
Compare يەشۇئا 19:27-50يەشۇئا 19:27-50