Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 9

يۇھاننا 9:31-40

Help us?
Click on verse(s) to share them!
31بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ.
32دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس.
33ئەگەر بۇ ئادەم خۇدادىن كەلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى.
34ئۇلار ئۇنى‫‪:‬‬ ــ سەن تۈپتىن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېيىشىپ، ئۇنى سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى.
35ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى سىناگوگتىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ‫‪:‬‬ سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
36ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، ــ دېدى.
37ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
38ھېلىقى ئادەم‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، ئېتىقاد قىلىمەن! ــ دەپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى.
39ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، ــ دېدى ئەيسا.  
40ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ بىزمۇ كورمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.

Read يۇھاننا 9يۇھاننا 9
Compare يۇھاننا 9:31-40يۇھاننا 9:31-40