Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 9

يۇھاننا 9:17-30

Help us?
Click on verse(s) to share them!
17ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە‫‪:‬‬ ــ ئۇ كۆزلىرىڭنى ئېچىپتۇ، ئەمدى سەن ئۇ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇ بىر پەيغەمبەر ئىكەن، ــ دېدى.
18يەھۇدىيلار كۆرەلەيدىغان قىلىنغان كىشىنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆرەلەيدىغان قىلىنغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنى چاقىرتىپ،
19ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ بۇ سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارمۇ؟ تۇغما قارىغۇ، دەۋاتاتتىڭلار؟ ئەمدى ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ ــ دەپ سوراشتى.
20ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسى ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز؛
21لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، بۇنى ئۆزىدىن سوراڭلار، ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
22ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى.   
23شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسى‫‪:‬‬ «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، بۇنى ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى.
24پەرىسىيلەر ئەسلىدە قارىغۇ بولغان ئادەمنى يەنە چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ خۇداغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بېرىپ قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ــ دېيىشتى.  
25ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى‫‪:‬‬ ــ ئۇ گۇناھكارمۇ، ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن. بىراق مەن شۇ بىرلا ئىشنى بىلىمەنكى، قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم.
26ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم‫‪:‬‬ ــ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ ــ دەپ سوراشتى.
27ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە ئاللىقاچان ئېيتتىم، بىراق قۇلاق سالمىدىڭلار. سىلەر نېمە دەپ قايتىدىن ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بولاي دەۋاتامسىلەر؟! ــ دېدى.
28بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى قاتتىق تىللاپ‫‪:‬‬ ــ سەن ھېلىقىنىڭ مۇخلىسى! بىز بولساق مۇسا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرىمىز.
29خۇدانىڭ مۇساغا سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز؛ لېكىن بۇ نېمىنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى.
30ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى‫‪:‬‬ ــ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! گەرچە سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگىنىڭلار بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئاچتى.

Read يۇھاننا 9يۇھاننا 9
Compare يۇھاننا 9:17-30يۇھاننا 9:17-30