28شۇڭا ئەيسا مۇنداق دېدى: سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر ۋە شۇنداقلا ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى، پەقەت ئاتىنىڭ ماڭا ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر.
29مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ئەسلا يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.
30ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
31ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: ــ ئەگەر مېنىڭ سۆز-كالامىمدىن چىقماي تۇرساڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي مۇخلىسلىرىم بولغان بولىسىلەر،