Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 7

يۇھاننا 7:1-6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيەدە ئايلىنىپ يۈردى. ئۇ يەھۇدىيەدە ئايلىنىپ يۈرۈشنى خالىمايتتى، چۈنكى شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى ئىدى.
2بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى.
3شۇڭا ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مۇشۇ يەردىن ئايرىلىپ يەھۇدىيەگە بارغىن، شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلىرىڭمۇ كارامەت ئەمەللىرىڭنى كۆرەلەيدۇ!
4چۈنكى ئۆزىنى خەلق‫‪‎-‎‬‬ئالەمگە تونۇتماقچى بولغان ھېچكىم يوشۇرۇن جايدا ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئەمەللەرنى قىلىۋاتقانىكەنسەن، ئۆزۈڭنى دۇنياغا كۆرسەت! ــ دېيىشتى.
5چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.
6شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر.

Read يۇھاننا 7يۇھاننا 7
Compare يۇھاننا 7:1-6يۇھاننا 7:1-6