3ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە گالىلىيەگە كەتتى.
4ئەمدى ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە بەرگەن يەرگە يېقىن بولغان سامارىيەنىڭ سىخار دېگەن بىر شەھىرىگە كەلدى.
6شۇ يەردە «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» بار ئىدى. ئەيسا سەپىرىدە چارچىغىنىدىن قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى.