5«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر.
6بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ كېرەكسىز شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
7سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ.
8سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ.
9ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار.
10ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر.