Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 3

لۇقا 3:10-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلاشقان كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
11ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئىككى قۇر چاپىنى بار كىشى بىرىنى يوق كىشىگە بەرسۇن، يەيدىغىنى بار كىشىمۇ شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى.
12بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ ــ دەپ سورىدى.
13ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، ــ دېدى.
14ئاندىن بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ بىزچۇ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زوراۋانلىق بىلەن ئېلىۋالماڭلار، ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار ۋە ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، ــ دېدى.
15ئەمدى خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ ھەممەيلەن كۆڭلىدە يەھيا توغرۇلۇق «مەسىھ مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى.
16يەھيا ھەممەيلەنگە جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرنى دەرۋەقە سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرسى كېلىدۇ؛ مەن ھەتتا كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
17ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا‫‪‎-‎‬‬ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا‫‪‎-‎‬‬ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.

Read لۇقا 3لۇقا 3
Compare لۇقا 3:10-17لۇقا 3:10-17