27ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ سېنى كۆتۈرگەن قورساق ۋە ئېمىتكەن ئەمچەك بەختلىكتۇر! ــ دېدى.
28بىراق ئۇ جاۋابەن: ــ بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! ــ دېدى.
29شۇ چاغدا، توپ-تاپ ئادەملەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، ئۇ مۇنداق سۆزلەشكە باشلىدى: ــ بۇ دەۋر دەرۋەقە رەزىل بىر دەۋردۇر؛ ئۇ مۆجىزىلىك بىر ئالامەتنىڭ كۆرىستىلىشنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇنىڭغا «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق ئىككىنچى بىر ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ.