Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:4-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4مېنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا، يەنى كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆز ئېلىمدە، يېرۇسالېمدا يۈرۈش‫‪‎-‎‬‬تۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان.
5ئۇلار شۇ دەسلەپكى ۋاقتىمدىن بېرى مېنى تونۇغاچقا (ئەگەر خالىسائىدى، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەتتى)، مېنىڭ ئىبادەت تۈزۈمىدىكى ئەڭ تەلەپچان مەزھەپنىڭ شەرتلىرى بويىچە ياشاپ، يەنى پەرىسىي بولۇپ ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىدۇ.
6ئەمدى مەن خۇدا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىگە باغلىغان ئۈمىدىم تۈپەيلىدىن ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىمەن.
7شۇ ۋەدىنىڭ نېسىۋىسىگە يېتىشنى بىزنىڭ پۈتكۈل ئون ئىككى قەبىلىمىز كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز توختاۋسىز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ ئۈمىد قىلماقتا. ئى ئالىيلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى دەل شۇ ئۈمىدكە باغلىقتۇر!
8خالايىق، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟
9دەرۋەقە، ئۆزۈممۇ ئەسلىدە ناسارەتلىك ئەيسانىڭ نامىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ قايىل ئىدىم

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:4-9روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:4-9