6شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: ــ پادىشاھ دارىئۇس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا!
7ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىدىكى بارلىق نازارەتچى، ۋالىي، ۋەزىر، مەسلىھەتچى، ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتۇق؛ ھەرقانداق كىشى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق ئىلاھقا ھەرقانداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ۋە ياكى ھەرقانداق كىشىدىن بىر نەرسە تىلەشكە رۇخسەت بولمىسۇن، ئى ئالىيلىرى، پەقەت سىلىدىنلا تىلىشى رۇخسەت بولسۇن دېگەن شاھانە يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى لايىق كۆردۇق. بۇ پەرمان قەتىي بولسۇن، كىمكى بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن!
8ئەمدى، ئى ئالىيلىرى بۇ پەرماننى بېكىتىپ چۈشۈرگەيلا، ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلمەسلىكى ئۈچۈن يارلىقنامىگە ئىمزا قويغايلا؛ چۈنكى مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە، پەرمان چىقىرىلىشى بىلەنلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ــ دېدى.
9شۇنىڭ بىلەن دارىئۇس پەرماننى بېكىتىپ يارلىقنامىغا قول قويدى.
10دانىيال بۇ يارلىقنامىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر بالىخانا بولۇپ، دېرىزىسى يېروسالېمغا قارايدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئادىتى بويىچە دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتاتتى.