1مەن مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلىدىلا، ئۇنى مۇستەھكەملەش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن قوزغالغانىدىم.
2ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرەي: ــ بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ، باشقا پادىشاھلاردىنمۇ كۆپتىن كۆپ مال-دۇنيانى توپلايدۇ؛ ئۇ مال-دۇنيالىرىدىن قۇدرەت تېپىپ، ھەممە يۇرتلارنى گرېتسىيەگە جەڭ قىلىشقا قوزغايدۇ.
3ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ زور پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ.
4لېكىن ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقىنىدا، پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ ئاسماننىڭ تۆت شامال تەرىپىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، كېيىنكى پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ.
5ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر سەردار ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ پادىشاھلىقىنى سورايدۇ.
6بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ؛ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ قىزى شۇ ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىمالىي پادىشاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ. لېكىن كېيىن بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ شىمالىي پادىشاھ ئۆزىمۇ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتالماي، مەزمۇت تۇرالمايدۇ. بۇ قىز ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئۇنىڭ بالىسى ھەم شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ.
7ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقىنىدىن بىرى قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھ بولۇپ، شىمالىي پادىشاھنىڭ قورغىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ چوڭ غەلىبە قىلىدۇ.
8ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى، قۇيما مەبۇدلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلارنى مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرنەچچە يىل شىمالىي پادىشاھدىن ئۆزىنى نېرى قىلىدۇ.
9شىمالىي پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن ئاخىرى ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ.
10شىمالىي پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى قوزغىلىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى كەلكۈندەك كېلىپ جەنۇبقا بېسىپ كىرىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قورغىنىغىچىمۇ بېسىپ كىرىدۇ.
11جەنۇبىي پادىشاھ قاتتىق غەزەپتە قوشۇن تارتىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، شىمالىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ زور بىر قوشۇننى جەڭگە سالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ زور قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ.
12شۇ زور قوشۇننىڭ ئەسىرگە ئېلىنىشى بىلەن جەنۇبىي پادىشاھ ئىنتايىن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇ تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى يوقىتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.
13چۈنكى شىمالىي پادىشاھ يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بېكىتىلگەن يىللار توشقاندىن كېيىن ئۇ زور قۇدرەتلىك قوشۇننى كۆپ تەمىناتلار بىلەن قوشۇپ باشلاپ كېلىدۇ.
14ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي پادىشاھقا قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئى دانىيال ــ سېنىڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلار مۇشۇ غايىبانە ئالامەتتىكى بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ، يوغانچىلىق قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ.
15شىمالىي پادىشاھ پوتەي سېلىپ مۇستەھكەم شەھەرنى مۇھاسىرە ھۇجۇمى قىلىپ بېسىۋالىدۇ. جەنۇبدىكى كۈچلەر، ھەتتا ئەڭ خىل قوشۇنلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلغۇدەك كۈچى قالمايدۇ.
16شىمالدىكى تاجاۋۇزچى بولسا ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ «گۈزەل زېمىن»نى ئىشغال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ.
17شىمالىي پادىشاھ بەل باغلاپ پادىشاھلىقىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مىسىرغا يول ئالىدۇ؛ ئۇ مىسىر بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ. بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى مىسىر پادىشاھىغا بېرىدۇ. لېكىن قىزى ئاتىسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ.
18كېيىن ئۇ دېڭىز بويىدىكى يۇرتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. لېكىن يات بىر سەردار ئۇنىڭ كىشىلەرنى خار قىلىشلىرىنى چەكلەيدۇ ۋە ئەكسىچە، ئۇنىڭ بۇ خارلاشلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ.
19ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا ئۇ پۇتلىنىپ يوقىلىپ كېتىدۇ.
20كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايىغا بىر زالىم ئالۋاڭبېگىنى ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مالىمانچىلىقمۇ بولماي، جەڭمۇ بولماي ئۆلتۈرۈلىدۇ».
21ــ «شۇنىڭدىن كېيىن پەس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ شىمالىي پادىشاھلىقنى ئالىدۇ؛ ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ھۆرمەت-شۆھرىتى ئۇنىڭغا ھېچ تەۋە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن ئۇ خەلقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، يالاقچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ.
22زېمىنىغا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن كۈچلەرنى ئۇ ھەم كەلكۈندەك ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتاكى «خۇدانىڭ ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»نىمۇ يوقىتىدۇ.
23شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق ئۇ باشقا يۇرتلارنى ئالدايدۇ؛ ئادەملىرى كىچىك بىر قوشۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى ئاۋۇپ-ئاۋۇپ، قۇدرەت تاپىدۇ.
24ئۇ خالايىقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ باي ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاتىلىرى ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئاتىلىرى زادى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنى ئۇ ئولجىنى، غەنىمەتلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقلارنى قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر مەزگىلگىچە قورغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ.
25ئۇ ئۆز كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ غەيرەت بىلەن قوزغىلىپ، زور قوشۇننى باشلاپ، جەنۇبىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھمۇ ناھايىتى زور قۇدرەتلىك بىر قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇبىي پادىشاھ خائىنلارنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.
26چۈنكى ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ.
27كېيىن، بۇ ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىنى قەستلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىشىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىشلار ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ.
28شىمالىي پادىشاھ نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.
29بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھ يەنىلا جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ.
30چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ.
31ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ.
32ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.
33خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ.
34يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ.
35بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ.
36شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ.
37بۇ پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ، ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرقانداق ئىلاھنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ.
38بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ «كۈچلەر ئىلاھى»نى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنمىغان بۇ ئىلاھنى بولسا ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ.
39ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى شۇنداق بىر غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنسا، ئۇ شۇلارغا شەرەپلىك مەنسەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىكنى باشقۇرىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىنئام سۈپىتىدە يەر-زېمىننى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.
40ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ.
41ئۇ ھەتتا «گۈزەل زېمىن»غا بېسىپ كىرىدۇ؛ نۇرغۇن ئەللەر ئازدۇرۇلۇپ يىقىتىلىدۇ. لېكىن بۇلار، يەنى ئېدوملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
42شىمالىي پادىشاھ بارلىق دۆلەتلەرگە قولىنى سوزىدۇ، مىسىر زېمىنىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
43ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىقلىرى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە ئېفىئوپىيىلىكلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ.
44كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن شەپىلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ
45ۋە دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كۆركەم مۇقەددەس تاغ تەرىپىگە ئوردا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەجىلى شۇ يەردە توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ».