Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تېسالونىكالىقلارغا «1»

تېسالونىكالىقلارغا «1» 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. سىلەرگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!  
2بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇپ، خۇداغا سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمىز؛
3خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلارنى، مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتتىن چىققان جاپالىق ئەجرىڭلارنى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدتە بولغان چىداملىقىڭلارنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.  
4چۈنكى ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سۆيگەنلەر، ئۇنىڭ سىلەرنى تاللىغانلىقى بىزگە ئايان.
5چۈنكى خۇش خەۋىرىمىز سىلەرگە يەتكۈزۈلگىنىدە سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەت بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، مۇتلەق جەزملەشتۈرۈلگەن ھالدا سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرنى دەپ ئۆزىمىزنى قانداق تۇتقانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر.
6شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېغىر ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇقلۇقمۇ، مۇقەددەس روھنىڭ شادلىقى بىلەن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى، شۇنداقلا رەبنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ ئەگەشتىڭلار،
7شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولۇپ چىقتىڭلار؛
8چۈنكى رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
10چۈنكى بىز بارغانلىكى جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى، سىلەرنىڭ بۇتلاردىن قانداق ۋاز كېچىپ تىرىك ۋە ھەقىقىي خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن، كەلگۈسىدە كېلىدىغان غەزەپتىن بىزنى قۇتقۇزغۇچى ئەيسانىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى كۈتۈشكە خۇداغا باققانلىقىڭلارنى بايان قىلىشىدۇ.