9شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھاسىنى ئالدى.
10مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىسى جامائەتنى قورام تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى ۋە مۇسا ئۇلارغا: — گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئاسىيلار! بىز سىلەرگە بۇ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرەيلىمۇ؟! — دېدى.
11ئاندىن مۇسا ھاسىسى بىلەن قورام تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، ناھايىتى كۆپ سۇ ئېقىپ چىقتى، سۇدىن جامائەتمۇ، چارپايلارمۇ ئىچىشتى.
12پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: — سىلەر ماڭا ئىشەنمەي، ئىسرائىللار ئالدىدا مېنى مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىگىنىڭلار ئۈچۈن، ئىككىڭلارنىڭ بۇ جامائەتنى مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا باشلاپ كىرىشىڭلارغا يول قويمايمەن، — دېدى.
13سۇ چىقىرىلغان جاي «مەرىباھ سۇلىرى» دەپ ئاتالغان؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
14مۇسا قادەشتىن ئېدوم پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «قېرىنداشلىرى ئىسرائىل مۇنداق دەيدۇ: — بىز تارتىۋاتقان جەبر-جاپالارنىڭ قانداقلىقى ئۆزلىرىگە مەلۇم،
15بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا چۈشكەن بولۇپ، بىز مىسىردا ئۇزاق زامان تۇرۇپ كەتتۇق؛ مىسىرلىقلار بىزگىمۇ، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يامان مۇئامىلە قىلدى؛
16بىز پەرۋەردىگارغا يېلىنىۋېدۇق، ئۇ بىزنىڭ زارىمىزغا قۇلاق سېلىپ، پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر مانا، بىز ئۆزلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان قادەش دېگەن بىر شەھەردە تۇرۇۋاتىمىز.
17ئەمدى بىزنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلغان بولسىلا، بىز ئېتىز-ئېرىق ۋە ئۈزۈمزارلىقلاردىن ئۆتمەيمىز، قۇدۇقلىرىڭلادىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ «خان يولى» بىلەن مېڭىپ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە ئوڭ-سولغا بۇرۇلمايمىز» — دېدى.
18لېكىن ئېدوملار ئۇنىڭغا: «سىلەرنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ئۆتۈشۈڭلەرگە بولمايدۇ، ئۆتىمەن دېسەڭلار قىلىچ كۆتۈرۈپ سىلەرگە جەڭگە چىقىمىز» — دېدى.
19ئىسرائىللار ئۇنىڭغا: «بىز «كۆتۈرۈلگەن يول» بىلەن ماڭىمىز، ئۆزىمىز ۋە ماللىرىمىز سۈيۈڭلارنى ئىچسەك، نەرخى بويىچە ھەققىنى بېرىمىز؛ بىز پەقەت پىيادە ئۆتۈپ كېتىمىز، باشقا ھېچ تەلىپىمىز يوق» دېۋىدى،