Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19:3-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3سەن سىيىرنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇر، ئۇ ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئەپچىقسۇن، ئاندىن بىرسى سىيىرنى ئۇنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن.
4كاھىن ئەلىئازار بارمىقىنى قانغا مىلەپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا قارىتىپ يەتتە مەرتەم چاچسۇن.
5ئاندىن بىرسى ئەلىئازارنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل سىيىرنى كۆيدۈرسۇن، يەنى ئۇنىڭ تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە تېزەكلىرىنى كۆيدۈرسۇن.
6كاھىن كېدىر ياغىچى، زوفا ئۆسۈملۈكى ۋە قىزىل رەختنى سىيىر كۆيدۈرۈلىدىغان ئوتقا تاشلىسۇن.
7ئاندىن كاھىن ئۆز كىيىمىنى يۇسۇن ۋە بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرىشكە بولىدۇ؛ لېكىن كاھىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
8سىيىرنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
9پاك بىر ئادەم سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىپ بارگاھنىڭ سىرتىدىكى پاك بىر يەرگە قويسۇن؛ ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى ياساشقا شۇ يەردە ساقلانسۇن، ئۇ بىر «گۇناھنى پاكلىغۇچى»دۇر.
10سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىشتۇرغان ئادەم ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. بۇ ئىسرائ‍ىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا مەڭگۈلۈك قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمە بولىدۇ.
11ــ ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ.
12ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى ئاشۇ سۇ بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، ھەمدە يەتتىنچى كۈنىمۇ پاكلىسۇن، ئاندىن ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ھەمدە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، پاك سانالمايدۇ.
13ھەرقانداق ئادەم ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتسە، ھەمدە ئۆزىنى پاكلىمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى ئىسرائىل ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ناپاكلىقى تېخىچە ئۈستىدە تۇرىدۇ.
14ئەگەر بىرەر كىشى بىر چېدىر ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇ توغرۇلۇق قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمە مۇنداق بولىدۇ‫‪:‬‬ — شۇ چېدىرغا كىرگەن ھەربىرسى ۋە چېدىردا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەربىرى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ.
15ھەربىر ئوچۇق تۇرغان، ئاغزى يېپىلمىغان قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناپاك سانىلىدۇ.
16شۇنىڭدەك دالادا قىلىچ‫‪‎-‎‬‬شەمشەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە، ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننىڭ ئۆلۈكىگە، ياكى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنىغا ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانىلىدۇ.
17كىشىلەر بۇ ناپاك كىشى ئۈچۈن «پاكلاندۇرغۇچى قۇربانلىق»نىڭ كۈلىدىن ئازراق ئېلىپ كومزەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېقىن سۇ قۇيسۇن.

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19:3-17چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19:3-17