10پەرۋەردىگار مۇساغا: — شۇ ئاسىيلىق قىلغۇچى بالىلارغا بىر ئاگاھ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھارۇننىڭ ھاسىسىنى ھۆكۈم-گۇۋاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپ قويغىن. شۇنداق قىلساڭ سەن ئۇلارنىڭ غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ، ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىسەن؛ ئۇلارمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، — دېدى.