33شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى.
34ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى.
35ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى.