37پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
38سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن، ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ چۆرىسىگە چۇچىلارنى تۇتسۇن ھەم بۇرجىكىدىكى چۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۆك شوينا تىكىپ قويسۇن؛
39بۇ خىل چۇچىلار سىلەرنىڭ ئۇنى تىكىپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سىلەرگە بىر ئەسلەتمە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ھازىرقىدەك ئۆزۈڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلار ۋە كۆزۈڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، قاتىراپ بۇزۇقلۇق قىلىپ كەتمەسلىكىڭلار،
40مېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئەستە تۇتۇشۇڭلار ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، خۇدايىڭلارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بولسۇن.