Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر - چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 14

چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 14:24-36

Help us?
Click on verse(s) to share them!
24لېكىن ئۆزىدە باشقىچە بىر روھنىڭ بولغىنى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشكىنى ئۈچۈن قۇلۇم كالەبنى ئۇ كىرگەن يەرگە باشلاپ كىرىمەن؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۇ يەرگە مىراسخور بولىدۇ.
25‹شۇ چاغدا ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار تاغلىق جىلغىلاردا تۇرۇۋاتاتتى› — ئەتە سىلەر يولۇڭلاردىن بۇرۇلۇپ، قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن مېڭىپ چۆلگە سەپەر قىلىڭلار» — دېدى.
26پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬
27— مەن مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىشىدىغان بۇ رەزىل جامائەتكە قاچانغىچە چىدىشىم كېرەك؟ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلىرى، شۇ توختاۋسىز غوتۇلداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم.
28سەن ئۇلارغا‫‪:‬‬ — پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خەپ، مەن سىلەرگە قۇلىقىمغا كىرگەن سۆزلىرىڭلار بويىچە مۇئامىلە قىلمايدىغان بولسام!
29سىلەرنىڭ ئۆلۈكۈڭلار مۇشۇ چۆلدە ياتىدۇ؛ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، يەنى يېشى يىگىرمىدىن ئاشقان، مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىغانلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن سانى بويىچە
30سىلەرگە قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، تۇرالغۇڭلار قىلىپ بېرىمەن دېگەن زېمىنغا ھېچ كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت يەفۇنمەهنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا كىرىدۇ.
31سىلەرنىڭ كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى «بۇلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېيىلگەنلەرنى مەن باشلاپ كىرىمەن، ئۇلار سىلەر كەمسىتكەن ئۇ زېمىندىن بەھرىمەن بولىدۇ.
32بىراق سىلەر بولساڭلار، سىلەر يىقىلىپ، ئۆلۈكۈڭلار بۇ چۆلدە قالىدۇ.
33سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بۇزۇقلۇق‫‪‎-‎‬‬ۋاپاسىزلىقىڭلارنىڭ ئەلىمىنى تارتىپ، ئۆلۈكۈڭلار چۆلدە يوقالغۇچە، بۇ چۆلدە قىرىق يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ.
34سىلەرنىڭ شۇ زېمىننى چارلىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ سانى بويىچە، قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنىنى بىر يىل ھېسابلاپ، قەبىھلىكلىرىڭلارنى قىرىق يىل ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئېلىپ يۈرىسىلەر؛ شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆزۈڭلاردىن ياتلاشقىنىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىسىلەر» — دېگىن.
35مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىكەنمەن، يىغىلىپ ماڭا قارشى چىققان بۇ رەزىل خەلق جامائىتىگە مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن؛ ئۇلار مۇشۇ چۆل‫‪‎-‎‬‬جەزىرىدە يەۋېتىلىدۇ، شۇ يەردە ئۆلىدۇ.
36مۇسا ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنلەر قايتىپ كەلگەندە، ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئېلىپ كېلىش بىلەن پۈتۈن جامائەتنى غوتۇلدىتىپ، مۇسانىڭ يامان گېپىنى قىلغۇزغانلار،

Read چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 14چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 14
Compare چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 14:24-36چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 14:24-36