Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 8

پادىشاھلار «1» 8:52-61

Help us?
Click on verse(s) to share them!
52سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ئوچۇق بولغاي، ئۇلار ھەر ئىشتا ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىدە ئۇلارغا قۇلاق سالغايسەن؛
53چۈنكى سەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن چىقارغىنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ مۇسا ئارقىلىق ئېيتقىنىڭدەك، سەن خەلقىڭنى ئۆزۈڭگە خاس مىراسىڭ بولسۇن دەپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدىن ئۇلارنى ئايرىم ئېلىپ تاللىدىڭ، ئى رەب پەرۋەردىگار!».
54سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ،
55ئۆرە تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۇقىرى ئاۋازدا بەخت تىلەپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
56«ئۇنىڭ بارلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر! ئۇ ئۆز قۇلى مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ھەممە مېھرىبانە ۋەدىلەرنىڭ ھېچبىرى يەردە قالمىدى!
57پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز بىلەن بولغاندەك بىز بىلەن بىللە بولغاي؛ ئۇ نە بىزدىن ۋاز كەچمىسۇن نە بىزنى تاشلىمىسۇن؛
58بۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبىمىزنى ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۆزى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تۇتۇشقا ئۆزىگە مايىل قىلغاي؛
59مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىلتىجا قىلغان بۇ سۆزلىرىم كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىدا تۇرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، خەلقىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كۈندىكى دەردىگە يەتكەيسەن؛
60شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر پەرۋەردىگار ئۆزى خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھېچقايسىسى يوقتۇر دەپ بىلگەي،
61شۇنداقلا بۈگۈن قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مېڭىشقا ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا قەلبىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا مۇكەممەل بولغاي!».

Read پادىشاھلار «1» 8پادىشاھلار «1» 8
Compare پادىشاھلار «1» 8:52-61پادىشاھلار «1» 8:52-61