Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 7

پادىشاھلار «1» 7:14-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14ئۇ كىشى نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى تۇرلۇق بىر مىسكەر ئىدى. ھىرام مىسكەرچىلىكتە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا تولىمۇ ئۇستا، پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.
15ئۇ ئۆزى ئىككى تۈۋرۈكنى مىستىن ياسىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز بولۇپ، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز ئىدى.
16بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئۈچۈن مىستىن ئىككى تاجنى قۇيۇپ ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويدى. بىر تاجنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئىككىنچى تاجنىڭ ئېگىزلىكىمۇ بەش گەز ئىدى.
17تۈۋرۈكلەرنىڭ تۆپىسىدىكى تاجلار تورلارغا ئوخشاش زىننەتلىنىپ، زەنجىرلەر ۋە تورلانغان ھالقىلار بىلەن توقۇقلۇق ئىدى. بىر تاجنىڭ شۇنداق يەتتە قاتار تور ھالقىلىرى بار ئىدى، ئىككىنچى تاجنىڭمۇ ھەم شۇنداق يەتتە قۇر تور ھالقىلىرى بار ئىدى.
18ئۇ يەنە ئانارلارنى، يەنى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەربىر تاجنى يېپىپ تۇرىدىغان تور ھالقىلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى قاتار ئانارنى ياسىدى. ئۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تاجغىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلدى.
19ئايۋاندىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاجلىرى نىلۇپەر شەكىللىك بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت گەزدىن ئىدى.
20ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تاجلىرىدىكى تور ھالقىلىرىغا يېقىن تومپىيىپ چىققان جاينىڭ ئۈستىدە قەۋەتمۇ‫‪‎-‎‬‬قەۋەت چۆرىدىگەن ئىككى يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. ئىككىنچى تاجنىڭ چۆرىسىمۇ ئوخشاش ئىدى.
21ئۇ تۈۋرۈكلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋانغا تىكلىدى. ئوڭ تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ نامىنى «ياقىن»، سول تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ، نامىنى «بوئاز» ئاتىدى.
22تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستى نىلۇپەر شەكلىدە ياسالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىشلىرى پۈتكەنىدى.
23ئۇ مىستىن «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يوغان داس ياسىدى. ئۇنىڭ بىر گىرۋىكىدىن يەنە بىر گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى. ئۇنىڭ ئايلامىسى ئوتتۇز گەز ئىدى.

Read پادىشاھلار «1» 7پادىشاھلار «1» 7
Compare پادىشاھلار «1» 7:14-23پادىشاھلار «1» 7:14-23