Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 18

پادىشاھلار «1» 18:4-18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقاندا ئوبادىيا يۈز پەيغەمبەرنى ئېلىپ ئەللىكتىن‫‪‎-‎‬‬ئەللىكتىن ئايرىم‫‪‎-‎‬‬ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن باققانىدى).
5ئاھاب ئوبادىياغا‫‪:‬‬ ــ زېمىننى كېزىپ ھەممە بۇلاق ۋە ھەممە جىلغىلارغا بېرىپ باققىن؛ ئۇ يەرلەردە ئات‫‪‎-‎‬‬قېچىرلارنى تىرىك ساقلىغۇدەك ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ تېپىلارمىكىن؟ شۇنداق بولسا بىزنىڭ ئۇلاغلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى سويماي تۇرالارمىز، دېدى.
6ئۇلار ھەربىرى جايلارغا بۆلۈنۈپ ماڭدى؛ ئاھاب ئۆز ئالدىغا ماڭدى، ئوبادىيامۇ ئۆز ئالدىغا ماڭدى.
7ئوبادىيا ئۆز يولىدا كېتىپ بارغاندا، مانا، ئۇنىڭغا ئىلىياس ئۇچرىدى. ئۇ ئۇنى تونۇپ يەرگە يىقىلىپ دۈم يېتىپ‫‪:‬‬ بۇ راست سەن، غوجام ئىلىياسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
8ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ مەن. بېرىپ ئۆز غوجاڭغا‫‪:‬‬ ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دەپ ئېيتقىن، دېدى.
9ئۇ ئىلىياسقا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «سەن قانداقسىگە كەمىنەڭنى ئۆلتۈرگىلى ئاھابنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچى بولىسەن، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم؟
10ئۆز خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام ئادەم ئەۋەتىپ سېنى ئىزدىمىگەن ھېچ ئەل ۋە مەملىكەت قالمىدى. شۇ ئەل، مەملىكەتلەر‫‪:‬‬ «ئۇ بۇ يەردە يوق» دېسە، پادىشاھ ئۇلارغا سېنى تاپالمىغانغا قەسەم ئىچكۈزدى.
11لېكىن سەن ماڭا ھازىر‫‪:‬‬ ــ «بېرىپ غوجاڭغا‫‪:‬‬ ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دېگىن» ــ دەيسەن!
12مەن قېشىڭدىن كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنى مەن بىلمىگەن يەرگە ئېلىپ بارىدۇ؛ شۇنداقتا مەن ئاھابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ، لېكىن ئۇ سېنى تاپالمىسا، مېنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كەمىنەڭ ياشلىقىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ كەلگەنمەن.
13يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەندە مېنىڭ قانداق قىلغىنىم، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈزنى ئەللىكتىن‫‪‎-‎‬‬ئەللىكتىن ئايرىم‫‪‎-‎‬‬ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەپ باققانلىقىم سەن غوجامغا مەلۇم قىلىنغان ئەمەسمۇ؟
14ئەمدى سەن ھازىر ماڭا‫‪:‬‬ ــ «بېرىپ غوجاڭغا‫‪:‬‬ ــ مانا ئىلىياس كەلدى دېگىن»، ــ دېدىڭ. شۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ!».
15لېكىن ئىلىياس‫‪:‬‬ ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن جەزمەن بۈگۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئايان بولىمەن، دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاھابنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى. ئاھاب ئىلىياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى.
17ئاھاب ئىلىياسنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بۇ سەنمۇ، ئى ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى؟! ــ دېدى.
18ئۇ جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تاشلاپ بائال دېگەن بۇتلارغا تايىنىپ ئەگەشكەنسىلەر.

Read پادىشاھلار «1» 18پادىشاھلار «1» 18
Compare پادىشاھلار «1» 18:4-18پادىشاھلار «1» 18:4-18