20پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى خۇدايىم پەرۋەردىگار، مەن مېھمان بولغان بۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ بېشىغىمۇ بالا چۈشۈردۇڭمۇ؟ ــ دەپ نىدا قىلدى.
21ئۇ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم ئۆزىنى چاپلاپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، بۇ بالىنىڭ جېنى ئۆزىگە يەنە يېنىپ كىرسۇن! ــ دەپ نىدا قىلدى.
22پەرۋەردىگار ئىلىياسنىڭ پەريادىنى ئاڭلىدى؛ بالىنىڭ جېنى ئۇنىڭغا يېنىپ كىرىشى بىلەن ئۇ تىرىلدى.
23ئىلىياس بالىنى بالىخانىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئۆيگە كىرىپ، ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئىلىياس: ــ مانا ئوغلۇڭ تىرىكتۇر، دېدى.