Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 7

يەشۇئا 7:19-24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
19شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئاقانغا‫‪:‬‬ ــ ئەي ئوغلۇم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قىلغانلىرىڭنى ئىقرار قىلغىن؛ مەندىن ھېچنېمىنى يوشۇرماي، قىلغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى.
20ئاقان يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مەن دەرۋەقە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلىپ، مۇنداق‫‪‎-‎‬‬مۇنداق قىلدىم‫‪:‬‬
21مەن ئولجىنىڭ ئارىسىدىن شىناردا چىققان چىرايلىق بىر تونغا، ئىككى يۈز شەكەل كۈمۈش، ئەللىك شەكەل ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن تاختىغا كۆزۈم قىزىرىپ ئۇلارنى ئېلىۋالدىم. مانا، بۇ نەرسىلەرنى چېدىرىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە كۆمۈپ قويدۇم، كۈمۈش ئۇلارنىڭ ئاستىدا، ــ دېدى.
22شۇلارنى دېۋىدى، يەشۇئا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار چېدىرغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە مانا، نەرسىلەر دەرۋەقە چېدىردا يوشۇرۇقلۇق بولۇپ، كۈمۈش بۇلارنىڭ ئاستىدا ئىدى.
23ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى چېدىردىن ئېلىپ چىقىپ يەشۇئاغا، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى.
24ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ زەراھنىڭ ئوغلى ئاقاننى، كۈمۈش، تون ۋە ئالتۇن تاختا بىلەن قوشۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى، ئۇيلىرى بىلەن ئېشەكلىرى، قويلىرى، چېدىرى بىلەن بارلىق تەۋەلىكلىرىنى ئېلىپ ئاقور جىلغىسىغا كەلتۈردى.

Read يەشۇئا 7يەشۇئا 7
Compare يەشۇئا 7:19-24يەشۇئا 7:19-24