Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 19

يەشۇئا 19:24-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
24بەشىنچى چەك ئاشىرلار قەبىلىسىگە جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛
25ئۇلارنىڭ زېمىنى ھەلكات، ھالى، بەتەن، ئاقساف،
26ئاللاممەلەك، ئامېئاد ۋە مىشالنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ چېگرىسى غەرب تەرەپتە كارمەل بىلەن شىھور‫‪‎-‎‬‬لىبناتقا تۇتىشىپ،
27ئاندىن شەرق تەرەپكە قايرىلىپ بەيت‫‪‎-‎‬‬داگونغا بېرىپ، زەبۇلۇن زېمىنى بىلەن يىفتاھ‫‪‎-‎‬‬ئەل جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئېمەك بىلەن نېئىئەلگە يېتىپ بېرىپ كابۇلنىڭ شىمال تەرىپىگە چىقتى؛
28ئېبرون، رەھوب، ھاممون ۋە كاناھنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ چوڭ زىدونغا يېتىپ باردى.
29ئاندىن چېگرىسى راماھ تەرىپىگە قايرىلىپ، تۇر دېگەن مۇستەھكەم شەھىرگە بېرىپ، خوساھقا قايرىلىپ، ئاقزىب بىلەن ھەبەلگە تۇتاش بولغان دېڭىزدا ئاخىرلاشتى؛
30زېمىنى ئۇمماھ، ئافەك ۋە رەھوبنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ جەمئىي يىگىرمە ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.
31بۇ بولسا، يەنى بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئاشىرلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.
32ئالتىنچى چەك نافتالىغا چىقتى، يەنى نافتالىلار قەبىلىسىگە جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تارتىلدى؛
33ئۇلارنىڭ چېگرىسى بولسا ھەلەفتىن چىقىپ، زائاناننىمدىكى دۇب دەرىخىدىن ئۆتۈپ، ئادامى‫‪‎-‎‬‬نەكەب ۋە يابنەئەلدىن چىقىپ، لاككۇمغا يېتىپ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ ئاخىرلاشتى.
34ئاندىن غەرب تەرەپكە قايرىلىپ ئازنوت‫‪‎-‎‬‬تابورغا بېرىپ، شۇ يەردىن ھۇككوكقا چىقىپ، جەنۇبتا زەبۇلۇننىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا تۇتىشىپ، شىمالدا ئاشىرنىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا يېتىپ، كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدا، يەھۇدانىڭ ئۈلۈش زېمىنىغا ئۇلاشتى.
35نافتالىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى زىددىم، زەر، ھاممات، راككات، كىننەرەت،

Read يەشۇئا 19يەشۇئا 19
Compare يەشۇئا 19:24-35يەشۇئا 19:24-35