Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 13

يەشۇئا 13:21-33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
21تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى بولغان سىھوننىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق، سىھونغا بېقىنغان سەردارلار ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق مىدىيان ئەمىرلىرى بولسا مۇسا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
22شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار ئۆلتۈرگەنلەر ئىچىدە بېئورنىڭ ئوغلى پالچى بالائاممۇ بار ئىدى؛ ئۇنىمۇ ئۇلار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنىدى.
23رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. رۇبەنلەرنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلىرى ئىدى.  
24مۇسا يەنە گاد قەبىلىسىگە، يەنى گادلارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس بۆلۇپ بەرگەنىدى.
25ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى بولسا يائازەر بىلەن گىلېئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ يېرىمى تاكى رابباھ ئالدىدىكى ئاروئەرگىچە،
26ھەشبوندىن تارتىپ رامات‫‪‎-‎‬‬مىزپەھ ۋە بەتونىمغىچە، ماھانايىمدىن تارتىپ دەبىرنىڭ چېگرىسىغىچە،
27جىلغىغا جايلاشقان بەيت‫‪‎-‎‬‬ھارام، بەيت‫‪‎-‎‬‬نىمراھ، سۇككوت ۋە زافونلار، ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى قالغان قىسمى، دەريانى ياقىلاپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ ئۇ بېشىغىچە ئىدى.
28گادلارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلىرى ئىدى.
29مۇسا ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگىمۇ مىراس بەرگەنىدى؛ ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە بۇ مىراس بۆلۇپ بېرىلگەنىدى‫‪:‬‬ ــ
30زېمىنلىرى ماھانايىمدىن تارتىپ، پۈتكۈل باشان زېمىنى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى ۋە يائىرنىڭ بارلىق يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلىرى (بۇ يېزا‫‪‎-‎‬‬كەنتلەر باشاننىڭ ئۆزىگە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش ئىدى)،
31گىلېئادنىڭ يېرىمى بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ سەلتەنىتىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەي شەھەرلىرى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادىغا تەۋە قىلىنغان بولۇپ، ماكىرلارنىڭ يېرىم قىسمىغا جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بۆلۇپ بېرىلگەنىدى.
32مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قېتىدا، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە بولغان ۋاقتىدا بۆلۈپ بەرگەن مىراسلار مانا بۇ زېمىنلار ئىدى.
33لېكىن مۇسا لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى تەقدىم قىلمىدى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر.

Read يەشۇئا 13يەشۇئا 13
Compare يەشۇئا 13:21-33يەشۇئا 13:21-33