22يەشۇئا: ــ غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۇ بەش پادىشاھنى غاردىن چىقىرىپ مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى.
23ئۇلار شۇنداق قىلىپ بەش پادىشاھنى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھىنى غاردىن چىقىرىپ ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى.
24ئۇ پادىشاھلار يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلگەندە، يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىنى چاقىرىپ، ئۆزى بىلەن جەڭگە چىققان لەشكەر سەردارلىرىغا: ــ كېلىپ پۇتلىرىڭلارنى بۇ پادىشاھلارنىڭ گەدىنىگە قويۇڭلار، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلار كېلىپ پۇتلىرىنى ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە قويدى.