52بۇ سۆز بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىقا باشلاپ: ــ بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆزىنىڭ ئەت-تېنىنى قانداق بېرەلىسۇن؟! ــ دېيىشەتتى.
53شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئەت-تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە ھاياتلىق بولمايدۇ.
54ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن.
55چۈنكى ئەت-تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر.
56ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەندە ياشايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن.
57ھايات ئاتا مېنى ئەۋەتكەن ۋە مەن ئاتىنىڭ بولغانلىقىدىن ياشاۋاتقىنىمدەك، مېنى يېگۈچى كىشى ھەم مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن ياشايدۇ.
58مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «ماننا»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «ماننا»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!
59بۇ سۆزلەرنى ئۇ كەپەرناھۇمدىكى سىناگوگدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى.