Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 4

يۇھاننا 4:6-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6شۇ يەردە «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» بار ئىدى. ئەيسا سەپىرىدە چارچىغىنىدىن قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى.
8ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيەلىك بىر ئايال سۇ ئالغىلى كەلدى. ئەيسا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئىچكىلى سۇ بەرگىن، ــ دېدى.
9ئايال ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرسىڭىز، مەندەك سامارىيەلىك بىر ئايالدىن قانداقلارچە ئىچكىلى سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدى (چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى‫‪‎-‎‬‬كەلدى قىلمايتتى).  
10ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئەگەر سەن خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سەندىن سۇ سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسەڭىدى، ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭدىن تىلەيتتىڭ ۋە ئۇ ساڭا ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.
11ئايال ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ تەقسىر، سۇ تارتقۇدەك ھېچنەرسىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدۇق چوڭقۇر تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن ئالىسىز؟
12ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە مىراس قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال‫‪‎-‎‬‬ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن ــ دېدى.
13ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ بۇ سۇنى ئىچكەن ھەركىم يەنە ئۇسسايدۇ.
14ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى.

Read يۇھاننا 4يۇھاننا 4
Compare يۇھاننا 4:6-14يۇھاننا 4:6-14