8شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر.
9نىكودىم يەنە جاۋابەن ئەيساغا: ــ بۇ ئىشلار قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ ــ دېدى.
10ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى تۇرۇپ، بۇنىمۇ بىلمەمسەن؟
11بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر.
12سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟
13ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى.
14مۇسا چۆلدە تۇچ يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك.
15شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ».