16چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر.
17خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى.
18كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان.