2ھەم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.
3تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، ئەيسانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، ــ دېدى.
4ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟ مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى، ــ دېدى.
5ئانىسى چاكارلارغا: ــ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى.
6ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى.
7ئەيسا چاكارلارغا: ــ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، ــ دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى.
8ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى.
9توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ،
10ئۇنىڭغا: ــ ھەربىر توي قىلغۇچى ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! ــ دېدى.