17بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى زەبۇردا مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى: «سېنىڭ مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!».
18شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى.
19ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، ــ دېدى.
20شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىيلار يەنە ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىبادەتخانىنى ياساۋاتقىلى ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل بولغان تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا قۇرۇپ چىقالايسەن؟! ــ دېدى.
21ھالبۇكى، ئۇنىڭ «ئىبادەتخانا» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسەتكەنىدى.